باش شۇجى شى جىنپىڭ 10-مارت چۈشتىن بۇرۇن شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى. يىغىندا سۆز قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، خوتەن ۋىلايىتى چىرا ناھىيەسى چىرا يېزىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، باشئۈجمە كەنتى پارتىيە ياچىيكىسىنىڭ شۇجىسى، كەنت ئاھالىلار كومىتېتىنىڭ مۇدىرى مەمەتئىبراھىم مەمتىمىن ئۆزىنىڭ يىغىندىن ئالغان تەسىراتى ھەققىدە توختالدى.